دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 100 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 130 مىڭ 480 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 99 مىليون 839 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 71 مىليون 841 مىڭدىن ئاشتى.

1570517
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 100 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 429 مىڭ 490 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان دۇنيادىكى ۋابانىڭ مەركىزى ئامېرىكادا، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 25 مىليون 702 مىڭ 125كە چىقتى.

ئەنگلىيدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 610 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 30 مىڭ 4 كىشى يۇقۇملاندى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 97 مىڭ 939 غا، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 647 مىڭ 463 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 172 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 73 مىڭ 49 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 18 مىڭ 436 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 53 مىڭ 617 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە كىشىلەر ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ 2021-يىلى بويىچە داۋاملىشىش ئەندىشەسى ۋە بۇنىڭ ئاچارچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى قورقۇنچى بىلەن، يېمەك-ئىچمەك توپلىماقتا. كىشىلەر بۇ قورقۇنچ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدىغان توڭلىتىلغان يېمەكلىك ۋە كانسېرۋا توپلاشقا يۈ زلەندى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېندىن ئايرىلغانلار سانى 149 مىڭ 614 كە چىقتى. مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور (Andres Manuel Lopez Obrador) نىڭ نيۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 275 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 10 مىڭ 469 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 11 مىڭ 721 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 636 مىڭ 190 غا چىقتى.

پورتۇگالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جواۋ گومىس كراۋىنخو (Joao Gomes Cravinho) نىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 909 كىشى جېندىن ئايرىلدى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىڭ 777 گە يەتتى.

ئاۋستىرالىيەدە فايزېر (Pfizer) شىركىتىنىڭ ۋاكسىناسىنى ئەملەش تەستىقلاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 مىڭ 450 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان گوللاندىيەدە، ۋىرۇسقا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. ئامستېردام (Amsterdam) ۋە ئېيىندخوۋېن (Eindhoven) شەھەركىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 25 كىشى تۇتۇلدى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 153 مىڭ 508 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 668 مىڭغا يەتتى.

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 5 مىڭ 133 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 366 مىڭ 435 كە چىقتى.

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغان 11 ئىشتاتتا، يۇقۇملانغان 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن ياكى مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئۈچۈن نۆۋت ساقلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 8 مىڭ 959 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مىسىردا، خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن ۋاكسىنالارنىڭ سەھىيە خادىملىرىغا ئەملىنىشكە باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۇنىستا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6 مىڭ 234 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 197 مىڭ 373 كىشى يۇقۇملاندى. تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان ئەلجەرەندىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 217 مىڭ 81، ئىتالىيە 85 مىڭ 461، ئىسپانىيە 55 مىڭ 441، گېرمانىيە 52 مىڭ 777، كولومبىيە 51 مىڭ 374، ئارگېنتىنا 46 مىڭ 827، پېرۇ 39 مىڭ 777، پولشا 35 مىڭ 363، ئۇكرائىنا 21 مىڭ 924، بېلگىيە 20 مىڭ 779، كانادا 19 مىڭ 94، چىلى 17 مىڭ 933، رۇمېنىيە 17 مىڭ 776، چېخىيە 15 مىڭ 369، ئېكۋادور 14 مىڭ 623، ۋېنگرىيە 11 مىڭ 968، شىۋېتسىيە 11 مىڭ 5، رۇسىيە 69 مىڭ 918، ئىران 57 مىڭ 383، جەنۇبىي ئافرىقا 40 مىڭ 874، ھىندونېزىيە 27 مىڭ 835، ئىراق 12 مىڭ 993، پاكىستان 11 مىڭ 318 ۋە فىلىپپىن 10 مىڭ 242.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر