بايدىن ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

1570279
بايدىن ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 20- يانۋار قەسەم بېرىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 46- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان جو بايدىننىڭ تۈنۈگۈن ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە بايدېننىڭ ماكرونغا «ئەڭ كونا ئىتتىپاقدىشى» فىرانسىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى، كوۋىد -19، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېقىندىن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خىتاي، ئوتتۇرا شەرق، رۇسىيە ۋە ساھېل قاتارلىق تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش جەھەتتىمۇ ھەمپىكىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر