ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خىتاي دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇئو: «جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆز بېشىمچى ئىستىبداتلىق ئۇرۇنۇشلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا كېلىشتۇق» دېدى.

1569872
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خىتاي دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى رايون خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە قارشى ئۆز ئارا بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئەھدىنامىسى تۈزدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇئو ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىشى نوبۇئو: «جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆز بېشىمچى ئىستىبداتلىق ئۇرۇنۇشلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا كېلىشتۇق» دېدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇئو شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىللىرىنىڭ «ياپونىيەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ قوغدىشىنى شەرت قىلغان» ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ 5-ماددىسى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تەكىتلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىشى نوبۇئو ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ساھىبخانلىق قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇددىتى مارتتا ئاخىرلىشىدىغان 5 يىللىق چىقىمنى بۆلۈشۈش كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا توكيو ۋە ۋاشىنگتون دائىرىلىرى تەرىپىدىن پات يېقىندا يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرى لويد ئوستىنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قەتئىي ۋە جەسۇر خاراكتېرىنى ھەمدە ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتۇق» دېدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا يوشىخىدې 12-نويابىردا ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم بېرىش ۋەدىسى ئالغان ئىدى

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر