خىتاينىڭ 12 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلدى

خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 12 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1569795
خىتاينىڭ 12 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن خەۋەر ئاگېنتلىقى «CNA» نىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 8 «شىئەن H-6» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە 4  «شېنياڭ J-16» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ غەربىي جەنۇبتىن  تەيۋەن ھاۋا ساھەسىگە بېسىپ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ھاۋا ساھەسىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تەيۋەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەرھال رايونغا ئەۋەتىلگەن، خىتاي ئايروپىلانلىرى رادىئو ئارقىلىق جىددىي ئاگاھلاندۇرۇلغان.

باياناتتا، بىر كۈندە خىتاينىڭ بۇنچە نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا ئۇسسۇپ كىرىشى «ئادەتتىن تاشقىرى» ئەھۋال ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر