خىتايدا ئالدىنقى ھەپتە پارتلىغان ئالتۇن كانىدىكى 10 ئىشچىدىن تېخىچە خەۋەر يوق

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق يەنتەي شەھىرىدە پارتلاش سەۋەبىدىن 22 كىشى قاپسىلىپ قالغان ئالتۇن كانىدىن 12 ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە قالغان 10 ئىشچىنى ئىزدەپ – تېپىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1565802
خىتايدا ئالدىنقى ھەپتە پارتلىغان ئالتۇن كانىدىكى 10 ئىشچىدىن تېخىچە خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ بىر ئالتۇن كانىدا پارتىلاش يۈز بەرگەن ئىدى.

كاندا  قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى تېپىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئېچىلغان قۇدۇقتىن پولات ئارغامچىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كاننىڭ بەشىنچى ئوتتۇرا بۆلىكىدە 11 ئىشچىنىڭ، ئالتىنچى ئوتتۇرا بۆلىكىدە 1 ئىشچىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.

كار خارابىسى ئاستىدا قالغان 12 ئىشچى ئۆزلىرىنىڭ دورا ​​تەلىپىنى ۋە ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن مەكتۇپنى قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە يەتكۈزگەن ئىدى.

ئىزدەپ-قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىر ھەپتە بۇيىچە كان ئىشچىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. نەتىجىدە 12 كان ئىشچىسى قاپسىلىپ قالغان يەردىن چىقىرىۋېلىندى.

باشقا 10 ئىشچى بىلەن تېخىچە ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىدى. قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر