دۆلەت مەجلىسى ۋەقەسى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 6 – يانۋار يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1563495
دۆلەت مەجلىسى ۋەقەسى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 6 – يانۋار يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

مەھەللىي تاراتقۇلار، جورجىيا ئىستاتىنىڭ ئالفارېتتا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 53 ياشلىق كرىستوفىر ستانتون جورجىيا ئۆيىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدە ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دائىرىلەر، بانكىچىلىك ساھەسىدە ئىشلەيدىغان، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان جورجىيانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى قانۇن دوختۇرخانىسى دوكلاتى ئارقىلىق دەلىللىدى.

ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا نە تۇغقانلىرى، نە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلمىغان جورجىيا، دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى جەريانىدا ۋاشىنگتون نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

دۆلەت مەجلىسىگە «قانۇنسىز كىرىش» ۋە «كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن جورجىيا، كېيىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.

جورجىيانىڭ بۇ ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، ئەگەر سوتتا جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 180 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلىشى ياكى 1000 دوللار جەرىمانە قويۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ئامېرىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر