ئىراقتا 7 نەپەر دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرى يېزا -قىشلاقلىرىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 7 نەپەر دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1562548
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋىس رايونىغا يېقىن جايدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەرىكەت باشلاندى.
ھەرىكەتكە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيە ھاۋادىن ياردەم بەردى.
ساي ۋادىسىغا يېقىن جايدا دائېش ئەزالىرىغا تەۋە 2 پاناھجاي پاچاقلاپ تاشلاندى ۋە 7 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى..
رايوندىكى ئىراق ئارمىيەسىمۇ قاتناشقان بۇ ھەرىكەتنىڭ يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.