ياۋروپا ئىتتىپاقى فورېنتېكسنىڭ ئىنسانىي جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا ۋە ساھىل بىخەتەرلىك ئورگىنى (فورېنتېكس) نىڭ ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەرگە قارشى سادىر قىلغان ئىنسانىي جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

1561889
ياۋروپا ئىتتىپاقى فورېنتېكسنىڭ ئىنسانىي جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە بىلەن فورېنتېكس، قانچىلىغان قېتىم ۋىدېئولىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشىغا قارىماي، كۆچمەنلەرگە قارىتا ئىنسانىي جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ئىشخانىسى، فورېنتكېس ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىپ، كۆچمەنلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار سادىر قىلىنىۋاتقان بولۇپ،  تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئەگە دېڭىزىدىن قولۋاقلار بىلەن گىرېتسىيە ئاراللىرىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، قايتۇرۇۋېتىلىشىمۇ تەكشۈرۈلىدىكەن.

فورېنتېكسنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم كۆچمەنلەرگە قارشى سادىر قىلغان ئىنسانىي جىنايەتلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

خەلقئارا تاراتقۇلارمۇ بۇ ھەقتە دائىم دېگۈدەك خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا. بىراق، فورېنتكېس بىلەن گىرېتسىيە، ئىسپاتلانغان بولۇشىغا قارىماي، ھەر قېتىم جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر