ئامېرىكانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەپ كېلىۋاتقان چاد ۋولف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1561869
ئامېرىكانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 6 - يانۋاردىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئاقساراي ۋە ترامپ كابىنېتىدىن ئىستىپا بېرىشلەر داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەپ كېلىۋاتقان چاد ۋولف يازما باياناتىدا، يېرىم كېچىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

نورمال شارائىتتا ۋەزىپىسىنى جو بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان 20 - يانۋارغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋولف، يېقىنقى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋولف ئۆزنىڭ ئورنىغا فېدېراتسىيە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى پېتې گاينورنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىدا ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن قاتناش مىنىستىرى ئېلىئىن چاۋ ۋە مائارىپ مىنىستىرى بېتسىي دېۋوسمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.

ۋولف 7 - يانۋار ئەتىگەندە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ باياناتتىن بىر نەچچە سائەت كېيىن ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ترامپنىڭ ۋولفنى 3 - يانۋاردا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى بولۇشقا نامزات كۆرسەتكەنلىكى، بىراق بۇ نامزاتلىق تەكلىپىنىڭ يەنە ترامپ تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر