ئافغانىستاندا بەش يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى 2015-يىلىدىن تارتىپ دۆلەت مىقياسىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1561376
ئافغانىستاندا بەش يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئامېرىكا س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مىقياسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ مەزگىلدە ناتو تەركىبىدە ۋەزىپە ئۆتىگە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىدىن 98 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتار پايتەختى دوھادا داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ قاراڭغۇلۇققا تولغان ئۆتمۈشكە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان 40 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تالىبان بىلەن ئىمزالاش ئېھتىمالى بولغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھەم رايون دۆلەتلىرى ھەمدە خەلقئارالىق جەمئىيەت تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ھاكىمىيەتنى قانۇنى يوللار بىلەن سايلانغان كېيىنكى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تالىباننىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشنى قوبۇل قىلىدىغان خەلق ئەمەسلىكلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ئىجابىي ۋە ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان تىنچلىق تەلەپ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر