ترامپنىڭ بېشى دەرتتە

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى (Nancy Pelosi) مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىمىغان تەقدىردە، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇساپىسىنى دەرھال باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1561075
ترامپنىڭ بېشى دەرتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى دېموكراتلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، 6-يانۋار (2021) يۈز بەرگەن كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە جاۋابكار دەپ قارالغان دونالد ترامپنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن باسقۇچى جەريانلىرىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ ئاساسىي قانۇننىڭ قوشۇمچە 25-ماددىسى بويىچە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىشى ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنى (بۈگۈن، 2021-يىلى 11-يانۋار) پالاتادا بىر قانۇن لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلنىپ-قىلىنمايدىغانلىقىغا قارايدىغانلىقلىرىنى؛ ئەگەر ئاۋاز بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىسا، سەيشەنبە (2021-يىلى 12-يانۋار) كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇپ قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسقا پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن 24 سائەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋاقىتتىن كېيىن، پىرېزىدېنت ترامپنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇساپىسىنىڭ پالاتادا باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نەنسىي پېلۇسىنىڭ مەكتۇبىدا، پىرېزىدېنت ترامپنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋاز تاشلاشنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەمما، مەزكۇر ئاۋاز تاشلاشنىڭ 20-يانۋار (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بولىدىغانلىقى جەزملەشمەكتە.

ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋام پالاتاسى بەزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار سەۋەبىدىن باشلانغان پىرېزىدېنتنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇساپىسىدە پىرېزىدېنتنى ئەيىبلەيدىغان تەپتىش مەھكىمىسى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. كېڭەش پالاتاسى بولسا، پىرېزىدېنتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قارار بېرىدىغان زاستاتىللار رولىنى ئوينايدۇ.

2019-يىلى 18-دېكابىر ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان ترامپنى ئەيىبلەشتە، پىرېزىدېنت ترامپ«ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» ۋە «كونگرەنىڭ فۇنكسىيەسىگە توسقۇنلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. ترامپ 2020-يىلى 6-فېۋرال كېڭەش پالاتاسىدىكى ئاۋاز بېرىشتە بۇ ئەيىبلەشلەردىن ئاقلانغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كونگرەگە بېسىپ كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە ئىككى كىشىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىچكى قىسىمدا كونگرەگە بېسىپ كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك 25 تېررورىزم تەكشۈرۈشى باشلانغان بولدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر