قارقاش: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناىسۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايمىز

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەنۋەر قارقاش، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1560931
قارقاش: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناىسۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنۋەر قارقاش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «skynews» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا تۈركىيە – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

«تۈركىيە بىلەن ئىختىلاپ ياكى مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق سەۋەب يوق» دېگەن قارقاش، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرىسىدا ئۈمىدۋار سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «تۈركىيەگە دەيدىغىنىمىز، بىز ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ نورماللىشىشىنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ 7 – يانۋاردا بايانات بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرىنچى سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر