كىم جوڭئۇننىڭ ئۇنۋانلىرىغا يەنە بىر يېڭى ئۇنۋان قوشۇلدى

كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى كىم جوڭئۇنغا ھوقۇق دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ئۇنۋاننىڭ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

1561304
كىم جوڭئۇننىڭ ئۇنۋانلىرىغا يەنە بىر يېڭى ئۇنۋان قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئۇنۋانى بېرىلدى.

كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن پايتەخت پيوڭياڭدا ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 6 - يىغىنىدا، ئىلگىرى دادىسى كىم جوڭئىل ۋە بوۋىسى كىم ئىل سۇڭ تەرىپىدىن <پارتىيە رەئىسى> دەپ بەلگىلەنگەن ئۇنۋان <ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى باش كاتىپى> دەپ ئۆزگەرتىلىپ، كىم جوڭئۇنغا بېرىلگەن.

كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى كىمگە ھوقۇق دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ئۇنۋاننىڭ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچتە پيوڭياڭ مەيدانىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھەققىدە  ئىستىخبارات تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئامىيە باش ئىشتابى بۇنىڭ ھەقىقىي بىر پارات  ياكى رېپېتىتسىيە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاراتتا پات ئارىدا ئامېرىكادا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋىلىش ئالدىدا تۇرغان جو بايدېن ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش سۈپىتىدە يېڭى قورال سىستېمىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

شامالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئالدىنقى يىغىنلاردا ئىشلەپچىرىقىرىلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال سىستېمىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق يادرو قورال ئامبىرىنى كۈچەيتىش تەھدىتىدە بولغان ئىدى.

كىم جوڭئۇن سۆزىدە ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «ئاساسلىق دۈشمىنى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئامېرىكادا مەيلى كىم  ۋەزىپىگە كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە دۈشمەنلىك سىياسىتى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر