دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 944 مىڭ 311 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 90 مىليون 743 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 64 مىليون 892 مىڭدىن ئاشتى.

1561247
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 383 مىڭ 275 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 917 مىڭ 334 كە يەتتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئاساسىي خىزمەتلەرنى قىلىدىغان خادىملارنى ئەملەش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن نىيۇ يوركنىڭ ئىككى رايونىدا چوڭ ئەملەش مەركىزى قۇرۇلدى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەتتە 502 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 133 مىڭ 706 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 534 مىڭ 39 غا چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 151 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 مىڭ 944 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي 67 مىڭ 750 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 783 مىڭ 256 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 361 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 78 مىڭ 755 كە يەتتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 18 مىڭ 627 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 276 مىڭ 491 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 161 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 151 مىڭ 198 گە چىقىتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 16 مىڭ 311 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 466 مىڭ 595 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 61 مىڭ 837 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 3 مىليون 401 مىڭ 954 كىشى يۇقۇملانغان رۇسىيەدە، دېكابىر (2020) ئېيىدا ئەنگلىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تېز تارقالغان يېڭى ۋىرۇس تۈرىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 551 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 135 مىڭ 992 كىشى يۇقۇملاندى.ئاياللار، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى رىنا موھد ھارۇن يۇقۇملاندى. تۈنۈگۈن (2021-يىلى 11-يانۋار) ئىقتىساد مىنىستىرى مۇستافا مۇھەممەدنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان كابېنت يىغىنىدا، مۇستافا مۇھەممەد بىلەن يېقىن ئولتۇرغان مەخسۇس خىزمەتلەر مىنىستىرى موھد رەدزۇان بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئاخبارات مىنىستىرى سەيفەددىن ئابدۇللاھ كارانتىنغا كىرگەن ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقادا يېقىنقى 24 سائەتتە 339 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي سان 33 مىڭ 163 كە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 231 مىڭ 597 گە چىقتى.

ئالجىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 807 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 102 مىڭ 144 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تەببۇن داۋالىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئچۈۈن گېرمانىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 140 قا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 451 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 69 مىڭ 114 كە چىقتى. جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 41 كۈندە  كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى يېقىنقى 24 سائەتتە 103 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېقىقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم كۆرۈلمىدى، يۇقۇم سانى ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم 100 نىڭ ئۈستىگە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 469، ئارگېنتىنادا 78، كولومبىيەدە 330، پېرۇدا 67، چىلىدا 59 ۋە بولىۋىيەدە 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 203 مىڭ 140 قا، ئارگېنتىنادا 44 مىڭ 495 كە، كولومبىيەدە 46 مىڭ 114 كە، پېرۇدا 38 مىڭ 280 گە، چىلىدا 17 مىڭ 96 گە ۋە بولىۋىيەدە 9 مىڭ 376 گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر