ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا ئىككى كىشى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

نامايىش جەريانىدا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 30 نامايىشچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە 2 كىشىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1560603
ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا ئىككى كىشى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، زىكار ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۇيىقەست قىلىش ۋە گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلەرى يۈز بەرگەندىن باشقا يەنە، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، ھەقىقىي ۋە پىلاستىك ئوق  ئىشلىتىشى ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ بولسا تاش ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، نامايىش جەريانىدا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 30 نامايىشچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە 2 كىشىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ھەمدە «تىنچلىنىش ئارقىلىق غەزەپلەرنى كونترول قىلىش ۋە دىئالوگ تىلى ئىشلىتىش» چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.

2019 - يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئادىل ئابدۇلمەھدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

قىسمەن زىچلىقتىكى نامايىشقا قاتناشقان ئىراق خەلقى باش مىنىستىر مۇستاپا ئەلكازىمىدىن ھەقىقىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى، نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈمىدە جاۋاپكارلىقى بارلارنىڭ سوتلىنىشى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ۋە پاكىز سايلام قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر