ترامپ بايدىننىڭ قەسەم ئىچىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىننىڭ 20 – يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1560382
ترامپ بايدىننىڭ قەسەم ئىچىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، بايدىننىڭ قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قاتناشمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، 20 – يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتناشمايمەن.»

جو بايدىن بولسا، ترامپنىڭ مۇراسىمغا قاتناشمايدىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ترامپنىڭ مۇراسىمغا كەلمەسلىكى تېخىمۇ ياخشى، دەرۋەقە، ئۇ دۆلەت ئۈچۈن نومۇسسىزلىق مەنبەسى» دېدى، ئەمما ئۇ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنى مۇراسىمدا كۆرۈشتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دېموكراتلار، «دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنىڭ جاۋابكارى» دەپ قاراۋاتقان پىرېزىدېنت ترامپقا قارشى دۈشەنبە كۈنى يېڭى بىر ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلانماقتا.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسى پېلوسى، جۈمە كۈنى دېموكرات ۋەكىللەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مۇنداق دېگەن: «ترامپنىڭ مايك پېنس تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنداق بولمايدىكەن، ترامپنى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتاسىدا ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، ترامپ ئەيىبلەنگەن تەقدىردە، ترامپ «ئۇدا ئىككى قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش توغرۇلۇق ئەيىبلەنگەن» تۇنجى پىرېزىدېنت بولىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىلىرىمۇ، چارشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن، خەلقنىڭ % 57 تىنىڭ «ترامپ دەرھال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى لازىم» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر