ترامپ ھاكىمىيەتنى يەڭگىل ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە ھاكىمىيەتنى «يەڭگىل ئۆتكۈزۈپ بېرىش» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 20-يانۋار (2021) خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1559721
ترامپ ھاكىمىيەتنى يەڭگىل ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ چارشەنبە (2021-يىلى 6-يانۋار) كۈنى ئۆزىنى قوللايدىغان نامايىشچىلارنىڭ كونگرەگە بېسىپ كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، تۋىتتېردا ۋىدېئولۇق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ نامايىشچىلارنىڭ كونگرەگە بېسىپ كىرىشىنى «ناھايىتى سەت ھۇجۇم» دەپ ئاتاپ، مۇنداق دېدى: «بارلىق ئامېرىكالىقلارغا ئوخشاش، مەنمۇ زوراۋانلىق، قانۇنسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىقلاردىن چۆچۈپ كەتتىم.»

پىرېزىدېنت ترامپ ۋەقەلەر باشلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن دۆلەت مۇھاپىزەت قىسىملىرى ۋە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ۋەزىپىگە قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا ھەر قاچان قانۇن دۆلىتى بولۇپ كەلدى ۋە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ نامايىشچىلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «سىلەر دۆلىتىڭلارغا ۋەكىللىك قىلمايسىلەر. قانۇننى ئاياق-ئاستى قىلغانلار بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ناھايىتى قىيىن بولغان سايلام مۇساپىسىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر جىددىيچىلىك پەسەيمىدى. سايلام سەپەرۋەرلىكىگە قاتناشقان خادىملار سايلام نەتىجىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بارلىق قانۇنىي يوللاردىن پايدىلاندى. بىردىنبىر مەقسىتىم سايلامنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىدى. مەن ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشتىم» دېدى.

ئۇ ئامېرىكادىكى سايلام سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر كونگرە سايلام نەتىجىلىرىنى تەستىقلىدى. يېڭى ھۆكۈمەت 20-يانۋار خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئەمدى مېنىڭ مەقسىتىم، ھاكىمىيەتنى تەرتىپلىك ۋە كەمچىلىكسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىش باسقۇچىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېدى.

ئۇ 2020-يىلىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى قىيىنچىلىققا تولغان مەزگىل بولغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قەدىرلىك قوللىغۇچىلىرىم، بىلىمەن ئۈمىدسىزلەندىڭلار، ئەمما كاتتا سەپەرنىڭ يېڭىدىن باشلانغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى سورايمەن» دېدى.

6-يانۋار ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ترامپنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كونگرە بىناسىغا قاراپ ماڭغان مىڭلارچە ترامپ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى. ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بەزى نامايىشچىلار كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىردى. ۋەقەلەردە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر