ۋاشىنگتوندا ترامپ تەرەپدارلىرى كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىردى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چىققان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن شۇ يەر ۋاقتى 18:00 دىن كېيىن سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1558784
ۋاشىنگتوندا ترامپ تەرەپدارلىرى كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ بەزىلىرى ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىردى. نەتىجىدە، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەستىقلايدىغان مۇراسىم توختىتىلدى ۋە مايك پېنس بىنادىن سىرتقا چىقىرىلدى.

ساقچىلار كونگرە بىناسىغا كىرگەن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى سىقىپ توستى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندا چىققان بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى.

پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنى «تىنچلىقنى ساقلاشقا» چاقىردى. ئۇ نامايىشلار باشلاشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە قارشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ قوللىغۇچىلىرىغا ئوق ئۆتمەيدىغان ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، «دېموكراتلارنىڭ سايلامدا قائىدەگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇ سايلامدا ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سايلام نەتىجىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر