خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي دىيالوگ ئورنىتىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ھەربىي دىيالوگ ئورنىتىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1558597
خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي دىيالوگ ئورنىتىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بېيجىڭدىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەربىي دىيالوگ ئورنىتىش قارارى دائىرىسىدە ئۆتكۈزىدىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خۇا چۈنيىڭ، بېيجىڭنىڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ تېگىشلىك جاۋابنى بېرىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانى تەيۋەن بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي ۋە رەسمىي مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىرلىقنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ر.كلارك كوپېرنىڭ 6- يانۋاردا تەيۋەن بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ھەربىي سۆھبەت رامكىسى ئىچىدە سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تەيۋەن دائىرىلىرىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى قويۇق ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر