خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ خىتايغا كېلىپ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1558768
خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىپ، يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن، بارلىق كۈچى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى ۋابانى تىزگىنلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا كېلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇتەخەسىسلەرگە تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ئەڭ ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر