تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا قوشنا دۆلەتلەرگە مال ئېكسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇلغارىيە، گرۇزىيە، ئىراق، ئىران، سۈرىيە ۋە گرېتسىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 25.4% ئېشىپ، 11 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى.

1852673
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا قوشنا دۆلەتلەرگە مال ئېكسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئايدىكى ئېكسپورت نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئېشىپ 126 مىليارد دوللارغا يەتكەن ۋە تۈكىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن تاشقى سودىسى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

تۈركىيە 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە بۇلغارىيە، گرۇزىيە، ئىراق، ئىران، سۈرىيە ۋە گرېتسىيەگە 11 مىليارد 448 مىليون 927 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان.

بۇ سومما مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 9 مىليارد 131 مىليون 940 مىڭ دوللار بولغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ مەزكۇر دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتى يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا%25.4 ئاشقان.

بۇ مەزگىلدە ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت 4 مىليارد 837 مىليون 698 مىڭ دوللار بىلەن ئىراققا قىلىنغان.

ئىراقتىن قالسىلا بۇلغارىيە 2 مىليارد 265 مىليون 144 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى، گرېتسىيە 1 مىليارد 558 مىليون 737 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى، ئىران 1 مىليارد 159 مىليون 680 مىڭ دوللار بىلەن تۆتىنچى، گرۇزىيە 897 مىليون 740 مىڭ دوللار بىلەن بەشىنچى، سۇرىيە 729 مىليون 928 مىڭ دوللار بىلەن ئالتىنچى بولغان.

بۇ مەزگىلدە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قىلىنىۋاتقان ئېكسپورتنىڭ يىلسېرى ئېشىۋاتقانلىقى كۆرىلگەن.

ئەڭ كۆپ ئېشىشتا %39.1  بىلەن بۇلغارىيە بىرىنچى، % 37.6 بىلەن گرۇزىيە ئىككىنچى ۋە 24.1% بىلەن ئىراق  ئۈچىنچى بولغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر