تۈركىيە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشتا زور بۆسۈشلەرنى ياراتتى

تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە قۇرۇلغان كۈچى سەككىز يىلدا 40 مېگاۋاتتىن 7 مىڭ 816 مېگاۋاتقا چىقتى.

1763727
تۈركىيە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشتا زور بۆسۈشلەرنى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى «پاكىزە ئېنېرگىيە» دەپ ئاتالغان قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن قامداش ۋە ئېنېرگىيەدە سىرتقا تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاشۇردى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، 2014-يىلى 40 مېگاۋات قۇرۇلغان كۈچتىن باشلاندى.

ھەر خىل قوللاپ-قۇۋۋەتلەش نەتىجىسىدە، ھەر يىلى زورايغان قۇرۇلغان كۈچ 2015-يىلى 249 مېگاۋاتقا، 2016-يىلى 833 مېگاۋاتقا چىقتى.

ئەڭ كۆپ ئېشىش كۆرۈلگەن 2017-يىلى بولسا، 2016-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %311 ئېشىپ 3 مىڭ 421 مېگاۋاتقا چىقتى. 2021-يىلى 1 مىڭ 149 مېگاۋاتلىق يېڭى قۇياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى سەپكە قېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ قۇرۇلغان ئېنېرگىيە قۇرۇلغان كۈچى 7 مىڭ 816 مېگاۋاتقا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر