دۆنمەز: بور مەھسۇلاتى سېتىش سوممىمىز بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز: «2 مىليون 500 مىڭ توننىسى ئېكسپورت بولۇپ جەمئىي 2 مىليون 600 مىڭ توننا بور مەھسۇلاتى سېتىپ، سېتىش سوممىسىنى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇپ رېكورت ياراتتۇق» دېدى.
1753728
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمە پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتى مادەن باش باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بور مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيا بور بازىرىنىڭ سەركىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «يۇقۇمغا قارىماي، 2021-يىلى بور ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قىلىش ۋە سېتىش رېكورتىنى بۇزدۇق. 2 مىليون 500 مىڭ توننىسى ئېكسپورت بولۇپ جەمئىي 2 مىليون 600 مىڭ توننا بور مەھسۇلاتى سېتىپ، سېتىش سوممىسىنى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشۇردۇق. نۆۋەتتە بىز بور بازىرىنىڭ %62 گە ئىگىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.