قىرغىزىستان تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسلان قازاقبايېۋ، تۈرك سودا - سانائەتچىلەرنى قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

1751096
قىرغىزىستان تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقبايېۋ، تۈركىيە-قىرغىزىستان سودا - سانائەتچىلىرى، مەدەنىيەت، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى —TÜKİD قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقى  مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، قىرغىزىستاندىكى تۈرك سودا – سانائەتچىلىرى سانىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز يېڭى سودا - سانائەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ئەمما بىز مىنىستىرلىقتىكى ئەترىتىمىز بىلەن بىللە سىلەرنى قوللاشقا، سىلەر يولۇققان مەسىلىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرادىل باياسوۋمۇ تۈركىيەنىڭ خىتايدىن قالسىلا قىرغىزىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، 300 دىن ئارتۇق تۈرك سودا – سانائەتچىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا مەبلەغ سالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاھمەت سادىق دوگانمۇ تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ، دىيالوگ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلار تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ كۆرسەتكۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مائارىف فوندى جەمئىيىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر