تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى 10 مىڭ 580 مېگاۋاتقا يەتتى
تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى ۋابا مەزگىلى بولغان 2020-يىلدىمۇ توختىماي ئاشقان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەبرۇ ئارىجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تارقالغان 2020-يىلدا جەمئىي 1241 مېگاۋات شامال ئېنېرگىيە كۈچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «2021-يىلى 4-دېكابىرغىچە 1747 مېگاۋات شامال ئېنېرگىيە كۈچىگە قېتىلدى. تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە ساھەسى ۋابا مەزگىلىدىمۇ توختاپ قالمىدى. 2021-يىلدىمۇ ۋابانىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا مەبلەغ سېلىش داۋام قىلدى. ئۆتكەن يىلى (2020) تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى 2019-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئېشىپ 10 مىڭ 580 مېگاۋاتقا يەتتى. بۇ يىل (2021) شامال ئېنېرگيەسىدە رېكورت يارىتىلغان بىر يىل بولدى. بۇنىڭ بىرى شامال كۈچىنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نىسبىتى %22.5 كە يەتتى. خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ سانى ئاشقانسېرى داۋاملىق رېكورت يارىتىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.