فىتچ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى — فىتچ، تۈركىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى %10.5 كە چىقاردى.

1742515
فىتچ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىتچ تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇم ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان 2020  يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.8 ئاشقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە 2021 – يىلى %10.5 لىك ئىقتىسادىي ئېىشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىتچ سېنتەبىردە ئېلان قىلغان «يەر شارى ئىقتىسادىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %9.2 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنىدى.

باياناتتا، 2022- يىللىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنىڭ %3.5 تىن %3.6 كە ئۆستۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئوخشاش ھالەتتىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر