ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ پەيتى كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سالغانلار ئەزەلدىن پايدا ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پايدا ئالىدۇ» دېدى.

1741135
ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ پەيتى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — TRT نىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ كۈنتەرتىپتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «%10 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىزنىڭ مۆلچەرىمىز كەم دېگەندە %10، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

«ئۆسۈم سەۋەب، پۇل پاخاللىقى نەتىجىسى» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكلىرىنى، پۇل پاخاللىقىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇ.

ئەردوغان: «چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. تۈركىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سالغانلار ئەزەلدىن پايدا ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پايدا ئالىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر