بۇ يىل تۈركىيە-ئىتالىيە سودىسىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل (2021) 20 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تارىخىي رېكورت بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1739187
بۇ يىل تۈركىيە-ئىتالىيە سودىسىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە سودا ۋە سائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋېنېدىك سارىيىدا «ۋابادىن كېيىنكى مەزگىلدە ئىتالىيە-تۈركىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى» تېمىسىدا، ئىقتىسادىي مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىتالىيە سودا ۋە سائەتچىلەر بىرلەشمىسى باشلىقى لىۋىيو مانزىنى (Livio Manzini) مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەۋجۇت جۇغراپىيەدە تىنچلىق ھەمدە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە ھەمكارلىشىۋاتقان ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىتالىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان ئەزالىق مۇساپىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئوخشاش جۇغراپىيەگە جايلاشقان ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە، تارىخىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرگە بولۇشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىدەك ئاڭ بىلەن ھەرىكەت قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىتالىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ تەبىئىي ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ بۈگۈن خەلقئارالىق ئورتاق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھېكايىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يىل 20 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان سودا ئومۇمىي سوممىسى ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. بۇ تارىخىي رېكورت» دېدى.

ئىتالىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماسسىمو گايانى (Massimo Gaiani) تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە نۇرغۇن ئىجابىي تەرەققىياتلارنى كۆرگەنلىكلىرىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئورنىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر