ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان ھەرقانداق كىشى پۇشايمان قىلمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغان ھەر قانداق كىشىنىڭ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1717185
ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان ھەرقانداق كىشى پۇشايمان قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادانا ۋە جەيھان ناھىيەسىدە ئۇل قويۇش ۋە قۇرۇلۇشى تاماملانغان تۈرلەرنى كوللىكتىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

تۈركىيەگە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغان ھەر قانداق كىشىنىڭ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئەكسىچە، ئۇ ئېرىشكەن زور پايدىدىن داۋاملىق مەمنۇن بولىدۇ. مەن ئېلىمىز ۋە دۇنيادىكى بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۈركىيە ئۇلارغا سۇنغان بۇ ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئېكسپورتنىڭ ھەر ئايدا رېكورت بۇزۇپ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىنقىلابى بىلەن سانائەتتىن ئېكسپورتقىچە بولغان ھەر ساھەدە تۈركىيەنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر