لاگاردې: ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئېنىقسىزلىقلارغا تولغان

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى باشلىقى كرىستىن لاگاردې ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقلارغا تولغانلىقىنى ئېيتتى.

1712583
لاگاردې: ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئېنىقسىزلىقلارغا تولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىستىن لاگاردې ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا چاقىرىلغان 2021-يىللىق مەركىزى بانكا مۇنبىرى يىغىنىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلدى.

ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان لاگاردې، ئۆزلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە كوۋېد-19 يۇقۇمىدىن ئىلگىرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىقتىسادىي ئېشىشقا تەھدىت سېلىۋاتقان «ئېنىقسىزلىقلار» نىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن لاگاردې، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تەمىنلەش ھالقىسىدا تەمىنلەش توسالغۇسى ۋە توختاپ قېلىش ياكى كېمىيىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، تەمىنلەشتىكى توسالغۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «رادارلىرى»دا ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر توختاپ قېلىش ياكى كېمىيىپ كېتىشنىڭ ياۋرو رايونىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئېكسپورتىنى ئاستىلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋرو رايونىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلغۇچى رايون ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن لاگاردې، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ تەبىئىي گاز، توك ۋە نېفىتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر