تۈركىيەنىڭ ئايلىق ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ماي ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %65.7 ئېشىپ 16 مىليارد 498 مىليون دوللارغا يەتتى.

1667523
تۈركىيەنىڭ ئايلىق ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ماي ئېيىغا ئالاقىدار ۋاقىتلىق تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى دائىرىسىدە ئېكسپورت ماي ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %65.7 ئېشىپ، 16 مىليارد 498 مىليون دوللارغا، ئىمپورت %54 ئېشىپ 20 مىليارد 627 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئىمپورت يانۋار – ماي ئايلىرى مەزگىلىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %38.3 ئېشىپ، 85 مىليارد 209 مىليون دوللارغا، ئىمپورت %25.2 ئېشىپ، 103 مىليارد 485 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر