تۈركىيەدە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 7 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيەدە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇن ئېيىدا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.7 پوئىنت ئېشىپ، 113 كە يەتتى.

1664191
تۈركىيەدە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 7 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكىسى، ئىيۇن ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي بۇرۇلۇش ئىستاتىستىكىلىرى ۋە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  تۈركىيەدە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى، ئىيۇن ئېيىدا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.7 پوئىنت ئېشىپ، 113 كە يەتكەن.

ئوخشاش مەزگىلدە، پەسىل ۋە كالىندار تەڭشەلگەن ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى  2.7 پوئىنت ئېشىپ، 109.8 گە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدە ئەمەلىي ساھە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى، يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر