پەلەستىن ئىقتىساد مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ پەلەستىن توغرىسىدىكى قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى
پەلەستىن ئىقتىساد مىنىستىرى خالىد ئەلئۇسەيلى، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى سودا جەھەتتە ئىمتىيازغا ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
1656521
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىقتىساد مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇسەيلىنىڭ، مەزكۇر قارار مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە قارارغا «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلانغان ئىستراتېگىيەلىك قەدەم» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇسەيلى بۇ قارارنىڭ «پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىن تەدرىجىي ئايرىشى، پەلەستىننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى، ئىمپورتنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورتقا ئىلھام بېرىشى» جەھەتتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.