تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2020- يىلى ئالدىنقى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى (2019) يىلغا سېلىشتۇرغاندا %0.5 تۆۋەنلەپ، %13.2 گە چۈشتى.

1605815
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «2020 – يىللىق ئەمگەك كۈچلىرى ئىستاتىستىكىسى»دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەت مىقياسىدىكى ئىشسىزلار سانى ئۆتكەن يىلى  2019- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 408 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 4 مىليون 61 مىڭ ئادەم بولغان.

ئىشسىزلىق نىسبىتى كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۆتكەن يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %0.5 تۆۋەنلەپ،  %13.2 گە چېكىنگەن.

2019-يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتى%13.7، ئىشسىزلار سانى 4 مىليون 469 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر