تۈركىيە يۇقۇم مەزگىلىدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت
سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەتلەردىن بىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك 6-قېتىملىق ياۋرو-ئاسىيا ئالىي مائارىپ سىنلىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، مائارىپتىن تېخنولوگىيەگىچە ۋە يۇقۇم مەزگىلىدە تاشلانغان قەدەملەر ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەر فابرىكالارنى تاقىغان بولسا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەزگىلدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا ئېلان قىلىنغان 2020-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى تىلغا ئېلىپ: «ۋاباغا قارىماي يىلنى مۇسبەت ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغان ئىقتىسادى چوڭ ئىككىنچى دۆلەت بولدۇق» دېدى.
ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجلارنى قامداپلا قالماي، چەت ئەللەردىن كەلگەن ئېھتىياجلارنىمۇ كام-كۈتسىز قاندۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەت سايىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.