دۇنيا بويىچە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ماركا «ئالما» بولدى

خەلقئارا ماركا باھالاش تەشكىلاتى «Brand Finance» تەرىپىدىن تەييارلانغان «دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىممەتلىك 500 ماركا- 2021 – يىللىق ئەڭ قىممەتلىك 500 شىركەت» تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

1571329
دۇنيا بويىچە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ماركا «ئالما» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسەن، 263 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن  «ئالما» دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەتلىك ماركا بولۇپ باھالاندى.

2020-يىللىق تەتقىقاتتا، ئالما شىركىتى 141 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىدى.

بۇ يىل ئالما شىركىتىدىن قالسىلا رەت بويىچە 254 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق قىممىتى بىلەن «ئامازون» ئىككىنچى، 191 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن گۇگۇل ئۈچىنچى بولدى.

بۇ يىللىق تىزىملىكتە، ئامېرىكانىڭ مىكروسوفت شىركىتى 140 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 4-، جەنۇبىي كورېيەنىڭ سامسۇڭ شىركىتى 102 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 5-، ئامېرىكانىڭ ۋالمارت شىركىتى 93 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 6-، ئامېرىكانىڭ فېسبۇك شىركىتى 81 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن7-، خىتاينىڭ ICBC شىركىتى 72 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 8-، ئامېرىكانىڭ Verizon شىركىتى 68 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 9-، خىتاينىڭ ئۈندىدار شىركىتى 67 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن 10-ئورۇندا تۇرغان.

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر رەت تەرتىپى بويىچە ئامېرىكا زور پەرق بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان.

يەرشارى بويىچە ئەڭ قىممەتلىك 500 شىركەت تىزىملىكىدە، ئامېرىكانىڭ 204 شىركىتى، خىتاينىڭ 75، ياپونىيەنىڭ 34، فىرانسىيەنىڭ 33، گېرمانىيەنىڭ 22 ۋە ئەنگلىيەنىڭ  19 شىركىتى ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر