تۈركىيە ياروپا بويىچە ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل سېتىشتا  6 – بولدى

تۈركىيە ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنى 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا بويىچە يۇقىرى كۆتۈرگەن دۆلەتكە ئايلاندى.

1568272
تۈركىيە ياروپا بويىچە ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل سېتىشتا  6 – بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئەركىن سودا جەمئىيىتى (EFTA) غا ئەزا دۆلەتلەر ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتوموبىل بازىرىدا، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرالمىغان ۋەزىيەتتە، تۈركىيە كوۋىد -19 غا قارشى نەتىجىلىك كۈرەش قىلىش ئۈلگىسىنى ياراتتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىدا ئېشىش مەيدانغا كەلدى.   

ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى (ODD) تەرىپىدىن ياۋروپا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى (ACEA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان ياۋروپا ئاپتوموبىل بازىرىنى باھالاش دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ  «2020-يىلىدا 2019-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل سېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بىردىنبىر دۆلەتكەئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيەدىن سىرت 30 ياۋروپا دۆلەتلىرى ئورۇن ئالغان ئاپتوموبىل سېتىش رەت تەرتىپىدە، 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 9 – ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن تۈكىيەنىڭ 2020 – يىلىدا، 3 بالداق ئۆرلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ  2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %57.5 ئېشىش بىلەن ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل سېتىش رەت تەرتىپىدە 610 مىڭ 109 ئاپتوموبىل سېتىش ئارقىلىق  6-ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر