«دەسلەپتە مېنى ئۇرۇشتى، ئاندىن تاشلاپ قويۇشتى»

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن دۆشكەللىنىپ، نازارەتكە ئېلىنغان دوۋن سىندرومى كېسىلى بار پەلەستىنلىك ياش، نازارەتكە ئېلىنىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى بۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەردى.

پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرگە قىلغان زۇلۇملىرى بىلەن كۆپىنچە كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدىغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەلخەلىلدە يەنە بىر شەرمەندىچىلىكىنى نامايان قىلدى.

29 ياشلىق، دوۋن سىندرومى كېسىلى بار مۇھەممەد تاۋىل كوچا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇپ دۆشكىلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈنجى ئىش ئەمەس ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دوۋن سىندرومى كېسىلى بولغان پەلەستىنلىك بىر ياشقا يەنە مۇشۇنداق مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

ۋەتىنى ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان پەلەستىن خەلقى ترامپنىڭ شەرمەندىلەرچە قۇددۇس قارارىدىن كېيىن نارازىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.  

16 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىمۇ پەلەستىندىكى نارازىلىق نامايىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئىدى.

تاغىسى رەشاد جۇنەيدىگە تۈركىيەنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قوللاش مەكتۇپلىرى يوللاندى.

رەشاد جۇنەيدى يەكشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇددۇس يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىندى.