ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى

ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.

2138403
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسى (WFP)  نىڭ X ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە باغلان ۋىلايىتىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 1000 غا يېقىن ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسى (WFP)  نىڭ كەلكۈندە قازا قىلغانلارغا ياردەم تارقاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بەدەخشان، تاھار، باغلان، پەنچىشىر، لاگمان، كۇنار، نۇرىستان ۋە نانگەرھار ۋىلايەتلىرىدىمۇ شىددەتلىك يامغۇر ياغىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان باغلان ۋىلايىتىدە شىددەتلىك يامغۇر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى موللا ئىلىم مۇجىدى «TOLONews» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى بىر ئىككى كۈندە يۈز بەرگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن 130 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 100 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دائىرىلەر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر