ئەردوغان لىۋىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى سىددىق ئەل كەبىر بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى سىددىق ئەل كەبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2132805
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقا ئىدارىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىقا مۇناسىۋەتلىك باياناتنى ھەمبەھىرلىدى.
باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشتا، لىۋىيەنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا لىۋىيە خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ھەمدە لىۋىيەدىكى مەسىلىلەرنىڭ سىجىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ھەل قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىغا تۈركىيەنىڭ تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.