سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2128897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا ھېچقانداق بىر يەردە چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، شانلىئۇرفادا سۈرىيە چېگراسىدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د ئەزاسى بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى، ئاندىن ئۇنى قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئىشلىرى باشلاندى.