تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 21-ماي ئافغانىستانغا ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 21 - مايدىن باشلاپ 2021-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن توختىتىلغان ئافغانىستان ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

2133455
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 21-ماي ئافغانىستانغا ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىستانبۇل-كابۇل ئارىلىقىدا سەيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ھەپتىدە تۆت قېتىم يولغا قويۇلىدۇ.

ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت ئالمىشىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، كۆپلىگەن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە ئوخشاشلا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ بۇ دۆلەتكە ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر