تۈركىيە گوللاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ ناتو باش كاتىپى بولۇشىنى قوللايدۇ

تۈركىيە گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتېنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى- ناتونىڭ باش كاتىپى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا بىلدۈردى.

2133432
تۈركىيە گوللاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ ناتو باش كاتىپى بولۇشىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇتتې ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇلدا دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تۈركىيەدىن ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ باش كاتىپى بولۇشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرىغا رۇتتېنى قوللايدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 26 – ئاپرېل كۈنى (2024)غ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ناتونىڭ جەنۇبىي قانىتىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى:

«تۈركىيە (خەلقئارالىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە) ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتىدۇ. مەسىلەن، غەززە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنادىكى دەھشەتلىك ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. بۇ جەھەتتە سىز مۇھىم رول ئويناۋاتىسىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر