ئەردوغان فىكوغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكوغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

2140190
ئەردوغان فىكوغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكوغا قارىتىلغان قەبىھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، ھۇجۇمدا يارىلانغان فىكو ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن. دۆلىتىم ۋە خەلقىمگە ۋاكالىتەن سلوۋاكىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمەن» دېدى.

روبېرت فىكو تۈنۈگۈن ئېچىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن يۈز بەرگەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر