ئەردوغان خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

2140178
ئەردوغان خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان بارلىق ئائىلىلەرنىڭ 15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

«رەسمىي گېزىت (ھۆكۈمەت گېزىتى» تە ئېلان قىلىنغان «ئائىلىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش» ئۇقتۇرۇشىنىڭ <ئائىلىلەرنى ھەر خىل تەھدىتلەردىن قوغداپ، ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە قىممەت قارىشىنى كۈچەيتىدىغان خىزمەتلەرگە ئاساس يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، تېلېگراممىسىدا يەنە: «ئائىلىمىز كەلگۈسىمىز دېگەن ھالدا، مۇقەددەس ئورگان بولغان ئائىلە مۇئەسسەسىنى قوغداشنى، كۈچلۈك ئائىلە قۇرۇلمىمىز بىلەن تۈرك ئەسىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر