فىدان قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2133564
فىدان قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مىللىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىنى سىياسىي ماتا قىلىش بىپەرۋالىقىنى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە سىياسىيونلىرىنىڭ نىقابلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتتى. خەلقئارا قانۇن ۋە بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى، دۇنيا جامائىتىنىڭ ۋىجدانىدا ئاللىبۇرۇن ئەيىبلەندى. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلار قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كۈنىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئالدى بىلەن قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئال سانى بىلەن، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان بىلەن كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر