تۈركىيەدە ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە، مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە، كىشىلەر ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرگە سەل بولۇپ ئاقتى. جامەلەرنى لىق تولدۇرغان مۇسۇلمانلار، نامازدىن كېيىن دۇئا قىلدى، ئارقىدىن بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.

2126481
تۈركىيەدە ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە، مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە ئەتىگەن سەھەردە جامەلەر لىق تولدى. چەت ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ جامەلەرگە ئۆزىنىڭ مىللىيچە كىيمى بىلەن كېلىشى، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقتى. پايتەختتىكىلەرمۇ نامازنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ئىستانبۇلدا ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر، ھېيت نامىزىنى چوڭ ۋە تارىخىي جامەلەردە ئوقۇدى. ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جامەنىڭ ھويلا ۋە باغچىلىرىدا بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.

تۈركىيەنىڭ باشقا ۋىلايەت شەھەرلىرىدىمۇ، كىشىلەر ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرگە سەل بولۇپ ئاقتى. نامازدىن كېيىن، بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

بۈگۈن ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 60 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە قارىماي، ھېيت نامىزىنى مەسجىدى ئەقسادا ئوقۇدى.

گىرۇزىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، ئافغانىستان ۋە شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھېيت نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر