ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2126368
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى؛ كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.