ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
2138793
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر شاللېنبېرگ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 13-، 14-كۈنلىرى دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز خاقان فىداننىڭ مېھمان مىنىستىر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.