تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە «ئاشقۇن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى»نىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈنمۇ، ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈچۈنمۇ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2138924
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلغان كەچۈرگۈسىز جىنايەتلىرىنى دادىللىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ.

بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنى ۋە ئۇنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى، ھۆرمەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. (نۆۋەتتە) ئاشقۇن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈنمۇ، ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈچۈنمۇ تەھدىتكە ئايلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقچى شۇنداقلا ناھەق سىياسەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، پەلەستىنلىكلەر ئۆز زېمىنىدا ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولغۇچە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەققانىي دەۋانى قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن ۋە ئەردوغانغا تۆھمەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر